مەھمەت قاپلان ئۇيغۇرلارنى شىۋېتسىيە
پارلامېنتىدا كۈتۈۋالدى
شىۋېتسىيە
يېشىللار
پارتىيىسىدىن پارلامېنت ئەزاسى ۋە پارلامېنتىدىكى
يېشىللار پارتىيسىنىڭ گورپ باشلىقى شۇنداقلا شىۋېتسىيە
پارلامېنتىدىكى ئۇيغۇر دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق
گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن مەسئۇلى مەھمۇت قاپلان 2011- 12-
23- دېكابىر جۈمە كۈنى شىۋېتسىيە پارلامېنتىدا
ئۇيغۇرلارنى كۈتۈۋالدى.
مەھمۇت قاپلان ئەپەندى مېھمانلار بىلەن تونۇشۇپ
چىققاندىن كېيىن مۇھىم مەسىللار ئۈستىدە توختالدى.
شىۋېتسىيە ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10:00 دىن 11:30
چە بولغان بۇ ئۇچۇرۇشۇش ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئۆتتى.
بۇ ئۇچۇرۇشقا: سەئۇدى
ئەرەبىستاندىكى تۈركىستان رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ
مەسئۇلى سىراجىدىن ھاجىم بىلەن ئابلەت ھاجىم، تۈركىيە
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ
مەسئۇلى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ۋە جەمئىيەت باش نازىرى
ئابلىكىمخان مەخسۇم، گىرمانىيەدىن دۇنيا ئۇيغۇر
قۇرۇلتىيىنىڭ دىنىي ئىشلار بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى
تۇرغۇنجان ئالاۋۇددىن، گوللاندىيە ياۋروپا شەرقىي
تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەتلىرىدىن ئەيسا
قارى، ئۆمەر قارى ۋە نىياز ھاجىم، فىنلاندىيەدىن
ئابدۇلھاپىز قارى، نورۋېگىيەدىن ئەلشىر، شىۋېتسىيە
ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇلى ئەخمەت تۇرسۇن،
مەھمۇد قەشقىرى ئانا- تىل مەكتىپىنىڭ مەسئۇلى نىجات
تۇرغۇن ۋە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ ئاكتىپ
ئەزالىرىدىن ئابدۇلكېرىم كىۋىر، فارۇق ۋە نەبىجان
قاتارلىقلار قاتناشتى.
سۆھبەتتىن كېيىن تۈركىيە
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ
باش نازىرى ئابلىكىمخان مەخسۇم مەھمەت قاپلانغا
ئۇيغۇرلارنىڭ نەقىشلەنگەن تون بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ
چىمەن دوپپىسىنى ھەدىيە قىلدى.ھەممەيلەن بىرلىكتە چاي
ۋە قەھۋە
ئىشتى، كېيىن مەھمەت قاپلان ئەپەندى مېھمانلارغا
شىۋېتسىيە پارلامېنتىدىكى يىغىن زالىنى كۆرسەتتى.
ئۇنىڭدىن كېيىن ھەممەيلەن بىرلىكتە جۈمە نامىزى ئوقۇش
ئۈچۈن مېدبورگار پلاتىسقا يۈرۈپ كەتتى.
ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى تەشۋىقات بۆلۈمى