ئۇيغۇرلار شىۋېتسىيە پارلامېنت ئەزاسى بىلەن بىرگە
تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتىنىڭ مەسئۇلى ھىدايتۇللاھ ئۇغۇزخان ۋە دوكتور ئالىمجانلار 12- ئاپرېل شىۋېتسىيەگە كەلگەن.
ئۇلارنىڭ ياۋروپا زىيارەت قەدىمىنىڭ 1- باسقۇچى شىۋېتسىيە بولۇپ . ئۇلار شىۋېتسىيەگە كەلگەن كۈنى شىۋېتسىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇللىرىنى زىيارەت قىلدى
.
ھىدايىتۇللاھ ئۇغۇزخان بىلەن دوكتور ئالىمجانلارنىڭ زىيارەت داۋامىنىڭ 2- كۈنى فىنلاندىيەگە يۈرۈپ كەتتى. ئۇلار فىنلاندىيە زىيارىتىدە فىنلاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە بەزى جەمىيەتلەرنى زىيارەت قىلغان.

ھىدايىتۇللاھ ئۇغۇزخان ۋە دوكتور ئالىمجان ۋە شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى بىرلىكتە 16- ئاپرېل كۈنى شىىۋېتسىيە يېشىللار پارتىيسىدىن پارلامېنت ئەزاسى مەمەت قاپلاننى زىيارەت قىلدى



ئاخىردا ، 17- ئاپرېل شەنبە كۈنى ھىدايىتۇللاھ ئۇغۇزخان ۋە دوكتور ئالىمجانلار ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ ھەر ئىككى ھەپتىلىك سۆھبەت يىغىلىشىغا قاتناشتى، سۆھبەت يىغىلىشىدا ھىدايىتۇللاھ ئۇغۇزخان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتىنىڭ قۇرلۇش تارىخىنى ۋە جەمئىيەتنى تۇنۇشتۇردى. دوكتور ئالىمجان مۇھىم مەسىللەر ئۈستىدە توختالدى.
سۆھبەتتىن كېيىن ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى، ھىدايىتۇللاھ ئۇغۇزخان بىلەن دوكتور ئالىمجانلارنى كۈتىۋېلىش زىياپىتى ئۇرۇنلاشتۇردى.

ھىدايىتۇللاھ ئۇغۇزخان ۋە دوكتۇر ئالىمجانلار زىيارىتىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن 21- ئاپرېل گىرمانىيەگە يۈرۈپ كەتتى
ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى تەشۋىقات بۆلۈمى