ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى كۆرگەزمىگە قاتناشتى

شىمالى ياۋروپا ئىسلام بىرلىكى « رابىت ئىسلام » تەشكىلاتىنىڭ 31-نۆۋەتلىك يىغىنى شىۋېتسىيەدە 2011-يىلى 24 – دېكابردىن 26-دېكابرغىچە 3 كۈن داۋام قىلدى. يىغىننىڭ تاماق زالىدا كۆرگەزمە ئېچىلغان بولۇپ، بۇ كۆرگەزمىگە ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى. ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى، كۆرگەزمە زالىدىن بېرىلگەن ئىككى ئۈستەللىك ئورۇنغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى تۇنۇشتۇرۇلغان شىۋېتچە، ئەرەبچە ۋە ئېنگلىزچە كىتابلارنى ، قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسنى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك ئۈستەل بايرىقى ، ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ ماركىسى « لوگو » سى بېسىلغان مايكا ۋە شەرقىي تۈركىستاندا تىكىلگەن مەسە قاتارلىق بۇيۇملارنى قويدى. بۇ كۆرگەزمە پائالىيىتىگە كەلگەن مۇسۇلمانلارغا ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ ئاكتىپ ئەزالىرىدىن نەبىجان باشچىلىقىدا ئابدۇلكەرىم كېۋىر ۋە فەرۇخلار مۇلازىمەت قىلدى

ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى، تەشۋىقات بۆلۈمى