
ئۇيۇشما ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات
ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى ھەققىدە:
ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ لوگوسى
ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى ھېچقانداق بىر سىياسى پارتىيەـ گوروھقا بېقىنمايدىغان ، شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ دىنى ئىتىقادىنى مىللى مائارىپ ـ تىل يېزىق ۋە باشقا مەدىنىيەتلىرىنى ئەۋلاتمۇ ـ ئەۋلات قوغداپ داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن تىنىچ يوللار بىلەن خىزمەت قىلىدىغان،ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل تەربىۋى ئورگان بۇلۇپ ،بۇ ئورگان، خەلقارالىق نىزامنامىلارغا ئۇيغۇن ھالدا 2007 ـ يىلى شىۋىتسىيەنىڭ مەركىزى(stockholm ( دا قۇرۇلغان .
ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستان مۇستەبىت خىتاي ھاكىميتىنىڭ چاڭگىلىغا چۈشكەندىن بۇيان ۋەتەن خەلقى خارـ زەبۇنلۇققا مۇپتىلا بۇلۇش تارىخىنى باشلىدى. بۇ، خورلوق زەبۇنلۇققا خاتىمە بىرىپ ئەركىنلىكىمىزنى قايتىدىن قۇلىمىزغا ئېلىش، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى بارلىق شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئورتاق ئارزۇيىمىزدۇر. بۇ، بۈيۈك ئارزۇيىمىزنى رىياللىققا ئايلاندۇرىشىمىزنىڭ مۇھىم سەۋەپلىرىدىن بىرى ،تارىختا ئۆتكەن مەرھۇم مەرىپەت پەرۋەر ئالىم (ئابدۇلقادىر داموللام ) نىڭ ئېتقىنىدەك بىلىمسىزلىككە ۋە نادانلىققا خاتىمە بىرىشدۇر.
بۇ ،ھالقىلىق نوقتىنى بىلىۋالغان خىتايلار ،بىز شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ ئازاتلىقىمىزنى تۇسوپ قېلىش ئۈچۈن،تارىختىن بۇيان ھەر خىل تاكتىكلارنى قوللۇنۇش ئارقىلىق بىزلەرنى نادان قالدۇرۇشقا تىرىشتى ،ۋە ئۈزلۈكسىز تىرىشماقتا. مىللى مائارىپىمىزنى ھەرخىل باھانە سەۋەپلەرنى كۆرسۈتۈش ئارقىلىق چەكلەپ تىلىمىزنى يوقۇتۇشقا،ۋە مىللى كىملىكىمىزنى ئۆزلۇگىمىزدىن ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلىماقتا.ئىتىقادى ئەركىنلىكىمىزنى چەكلەش ئارقىلىق ئلاھ بىلەن بولغان ئالاقىمىزنى سۇسلاشتۇرۇپ قۇربان بىرىش روھىمىزنى ئاجىزلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا،قىسقىسى ئۇلار ۋەتىنىمىزنى بېسىۋېلىپ ماددى بايلىغىمىزنى ئېگەللىۋالغانلىقلىرىغا بولدى قىلماستىن پىىكىر ۋە ئەفكارلىرىمىزنىمۇ ئىشغال قىلىۋېلىشنىڭ تەدبىرلىرىنى ئالماقتا. ۋە بۇ ھەقتە چوڭقۇر ئىزدەنمەكتە.
بۈيۈكلىرىمىزنى سۇيقەست بىلەن يوقۇتۇش، نادانلىرىمىزنى قولچۇماق ـ غالچى قاتارىدا قوللۇنۇشتەك كونا تاكتىكىسنىڭ بۈگۈنكى بۇ، ئاتوم دەۋرىدە ئاقمايدىغانلىغىنى تەدىرجى ھىس قىلىپ ،سۇيقەستنى تېخىمۇ زامانىۋىلاشتۇرۇپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن (ئاز سانلىقلارنى تەرەققى تاپقۇزۇش) دىگەن فورفاگاندا ئاستىدا ،ھەرەپلىرىنىڭ سانى يوق دۇنيادا فاساھەتسىز دەپ داڭقى چىققان قوپال خىتاي تىلىنى نۇمۇس قىلماستىن تۈركىستاندىكى ئالى مەكتەپلەردىن ( ئۈنىۋېرسىتىتلاردىن ) تا يەسلىلەرگىچە مەجبۇرى كىرگۈزۈپ، تىل ئارقىلىق ئىدلوگىيە ئۆزگەرتىپ يەرلىكنى ئاستىملاتسىيە قىلىپ يوقۇتۇشتەك سىياسى سۇيقەستنى ئلىم مەرىپەت ئۇرۇنلىرىنىڭ ئەڭ ئەۋۋەلقى باسقۇچى بولغان يەسلىلەرگىمۇ ئۇرۇنلاشتۇرماقتا.
بۇ، خىل ئەھۋالنى ئاز تولا سەزگەن قېرىنداشلار بىر ئارىغا جەم بۇلۇپ ئىلمى قابىلىتىمىزنڭ ئاجىزلىغى ۋە ئىقتىسادى ئەھۋالىمىزنىڭ ناچارلىقىغا قارىماي شىۋىتسىيەدە قانۇنلۇق تەشكىللىنىپ تۇنجى قەدەمدە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى نامى ئاستىدا مەكتەپ ۋە كۇرس ئېچىش خىزمىتىنى باشلاپ نەتىجە قازاندۇق.
ۋە ئۆزىمىز تۇرىۋاتقان دۆلەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئىھتىياجلىرىنى بىر قەدەر قاندۇردۇق. خىزمەتلىرىمىزنى ياۋرۇپا بىرلىكىگە ئەزا بولغان بارلىق دولەتلەرگە كېگەيتىشكە داۋاملىق تىرشىمىز!
شۇنىڭ بىلەن بىرگە تەلىم تەربىيە ئشلىرىغا قززىققۇچى ئۇيغۇر سىكولېر لىرىنىڭ بىز بىلەن بىرلىكتە خىزمەت قىلىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!!!
www.uymaarip.org