خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلاردىن بىر سەنئەت ئۆمىكى تەشكىللەپ فىنلاندىيەگە ئەۋەتتى

 

2009-يىلى 18-ئۆكتەبىر كۈنى شىنخۇا ئاگىنتىنىڭ ئەرەبچە تور بېتىدە ئېلان قىلىنىشىچە، خىتتاي ھۆكۈمىتى تەرپىدىن پىلانلىق ھالدا تەشكىللىنىپ ياۋرۇپاغا يولغا سېلىنغان ئۇيغۇر سەنئەت ئۆمىگى، 16- ئۆكتەبىر فىنلاندىيە گە يىتىپ كىلىپ ئۇيۇن قۇيۇشنى باشلىغان ۋە ئۇيغۇر خەلقىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە سەنئەت نۇمۇرلىرىنى كۆرسۈتۈش ئارقىلىق يەرلىك ئاممىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئىرىشكەن.
بىز بۇ خەۋەر ھەققىدە ئۇچۇر تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن ، ئۇيغۇر خەلقى ئېرقى قىرغىن قىلنىۋاتقان ۋە ئون مىڭلارچە ئۇيغۇر خەلقى تۇرمىلەرگە قامىلپ سۇلاقخانالاردائۇرۇپ ئۆلتۈرۈلىۋاتقان تىرىك قالغانلىرى بولسا قوچاق سوت مەھكىمىلىرىگە ئېلىپ چىقىرلىپ تۈركۈملەپ ئۈلۈم جازاسىغا ھۈكۈم قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نىمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلاردىن سەنئەت ئۆمىگى تەشكىللەپ ئۇلارنى ياۋرۇپاغا ئەۋەتكەنلىگىنى ئىلمى ئانالىز قىلىش ئۈچۈن شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى مەسئۇلى ئابدۇللاھ بىلەن سوھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئابدۇللاھ ئۆز كۆز قاراشلىرىنى تۇۋەندىكىدەك بايان قىلدى:
-بىز ئەلۋەتتە ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىنىڭ سەنئەت ئارقىلىق ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى دۇنياغا تۇنىتىشىغا ھېچ بىر زامان قارشى ئەمەس،ئەركىن-تەرەپسىز سەنئەت ۋە سەنئەتكارلارنىڭ مىللەتنى تۇنۇتۇش يۇلىدا ئوينايدىغان ئىجابى رولىنى بىلىمىز.
ئەمما، خىتايلار شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغان ۋاقىتتىن تارتىپ مىللەتپەرۋەر دىن پەرۋەر ئالىملارنى سىياسى سۇيقەست ئارقىلىق يۇقاتقاندك مىللىيلىك ئېڭى يۇقۇرى سەنئەتكارلىرىمىزنى يۇقۇتۇپ كەلدى،ياكى بولمىسۇن ئۇلارغا چەكلىمە قۇيۇش ئارقىلىق ئەركىنلىكلىرىنى بۇغۇپ سەنئەت ساھەسىدىن يىراقلاشتۇرۇپ ئۇلارنى تالانتلىرى ئارقىلىق ئۆز خەلقىگە خىزمەت قىلالايدىغان مۇھىتتىن مەھرۇم قىلىپ كەلدى.
خىتتايدا خۇسۇسەن ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا (سەنئەت ۋە سەنئەتكارلار ئەركىن) دىيىلسە مەن ئىشەنمەيمەن. ھازىر ۋەتىنىمىزدە خۇددى كومپارتىيەگە سادىق بىر قىسىم موللىلار دىنى تونىغا ئورنىۋېلىپ سەللە كىيىشىپ يۈرۈپ ھۆكۈمەتنىڭ تەتۈر تەشۋىقاتلىرىنى دىنى يول ئارقىلىپ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا خەلىققە تەشۋىق قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقىنىدەك بىر قىسىم سەنئەتكارلىرىمىزمۇ ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرى تونىغا ئورىنۋېلىپ سەنئەت ئارقىلىق قاتىل باسمىچى خىتايلارنى خەلىق ئالەمگە ئادىل ساخاۋەتچى قىلىپ كۆرسۈتۈش ئۈچۈن خىتايلار تەرپىدىن يېزىلغان سىياسى داراممىلاردا بىلىپ ياكى بىلمەي ،خالاپ ياكى مەجبۇرى ھالدا رول ئېلىشىۋاتىدۇ.
-ئۆز مىللىتىنىڭ جانى- جان مەنپئىەتلىرىگە قارشى باسمىچىلارنىڭ سىياسى تەشۋىقاتلىرىدا ئامالسىز رول ئېلىشىۋاتقان سەنئەتكارلىرىمىزنىڭ قارا قىسمەتلىرىگە ئەپسۇسلىنىمەن.
-گومىنداڭ تەرەپ خىتاي كومۇنىستلىرىغا تۇنجى قىلىپ تەرىف بىرىپ( كومۇنىستلار دۇمبە كورسۇتۇپ ئۆپكە ساتىدىغانلار) دىگىنىدەك، خىتاي كومۇنىستلىرى ھەر زامان ئۆزلىرى قىلمىغان ياخشى ئشلارنى قىلغان قىلىپ تەشۋىق قىلىشقا،ۋە ئۆزلىرى سادىر قىلغان خاتالىقلارنى ئىتىراپ قىلىشنىڭ ئورنىغا ئۇنى باشقىلارغا دۆڭگەپ قۇيۇشقا بەك ماھىر ،مەدەنىيەت ئنقىلاۋىنى خىتاي كومۇنىستلىرى ئۆزلىرى پىلانلىق قوزغۇتۇپ مەقسىدىگە يىتىۋالغاندىن كىيىنلا ئۇنىڭ جاۋاپكارلىغىنى(4)ئادەمگە يۈكلەپ بېسىقتۇرغان تىراگىدىلىك تارىخ بۇنىڭ تىپىك مىساللىرى بۇلالايدۇ
..

 

تەييارلىغۇچى: تۇرغۇن ھىمىت