ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئاكا-ئۇكا ، ۋە ھەدە- سىڭىللار
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز ۋەتەنداشلار! كەلگۈسى ئۈچۈن كۈندىن- كۈنگە تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ياردەم قۇلىڭىزنى سۇنماقچى بولسىڭىز بىزنىڭ خەزىنە ساندۇقىمىز سىز ئۈچۈن ھەر ۋاقىت ئۇچۇق. ياردەم قىلىش ئارزويىڭىز بولسا تۆۋەندىكى يوللار ئارقىلىق ياردەم قىلىش ئارزويىڭىزغا يېتەلەيسىز
ئسلام دىنى ئىجتىمائى كېپىللىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان بىر بۈلۈك
تۈزۈملەرنى ئېلىپ كەلدى، ۋە ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ يوللىرىنى بايان
قىلدى، ۋە ئۇ، تۈزۈملەرگە(كىشىلەرنى) قىزېقتۇرۇپ قوغدايدىغان يېڭى بىر يولنى
ئاشتى. مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز- ئارا بىر- بىرلىرىنى سۈيۈشۈش ، ۋە بىر- بىرلىرىگە
مىھرى شەپقەت يەتكۈزۈش تۇيغۇلىرى (بىرەر –بىر ئەزاسىغا دەرت يەتكەن ھامان باشقا
بارلىق ئەزالىرى ئاغرىقتىن شىكايەت قىلىپ ئىسمىدايدىغان بىر نازۇك تەننىڭ)
تۇيغۇسىىغا ئوخشاشدۇر
.
ئاللاھنىڭ رازىلىغىنى ئىزدەپ پۇل- مال چىقىم قىلىش ۋە خەيرى-ئىھسان قىلىش بولسا
ئسلام دىندىكى ئىجتىمائى كىپىللىكنى كافالەتكە ئىگە قىلىپ كۈچەيتىدىغان بۈيۈك
ۋاسىتىلارنىڭ بىرىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئسلام دىنى ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىگە سېخى
خارەكتىرگە ئىگە بۇلۇشنى،باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىشنى ئۆزلىرىنىڭ دائىمى
ۋەزىپىسى دەپ بىلىشنى ياخشى ئەخلاقنىڭ جۈملىسىدىن قىلىپ كۆرسەتتى.
بۇ ھەقتە جانابى ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:ماللىرىنى كېچە- كۈندۈز(يەنى ھەممە ۋاقىت)
يۇشۇرۇن ۋە ئاشكارا يۇسۇندا خەير-ئىھسان قىلىدىغانلار پەرۋەردىگارىنىڭ
دەرگاھىدا ساۋاپ تاپىدۇ، ئۇلارغا (ئاخىرەتتە) قورقۇنچ ۋە غەم قايغۇ بولمايدۇ.
بەقەرە سۈرىسى274-ئايەت
ھەزىرتى مۇھەممەد ئەلەيھىسالام مۇنداق دەيدۇ: سېخىلار ئاللاھقا
يېقىندۇر،جەننەتكە يېقىندۇر،ئادەملەرگە يېقىندۇر،دەۋزەختىن يىراقدۇر. بېخىللار
بولسا جەننەتتىن يىراقدۇر، ئادەملەردىن يىراقدۇر، دەۋزەخكە يېقىندۇر.جانابى
ئاللاھنىڭ نەزرىدە ئاددى بىر بىلىمسىز سېخى كىشىلەر بىلەرمەن ئبادەتگويلاردىنمۇ
سۈيۈملۈكىرەكدۇر. تىرمىزى رىۋايىتى
ھىجرەتنىڭ شاراپىتى بىلەن باسقۇنچى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلمىدىن نىسپى ھالدا
قۇتۇلۇپ شىۋىتسىيەگە يەرلىشىۋاتقان ئۇيغۇر ناتىۋانلىرىنىڭ دىينى ۋە مىللى
كىملىگىنىڭ كىلەچىگى ئۇستىدە باش قاتۇرغان، ۋە بىر پۈتۈن ئۇيغۇرمۇسۇلمانلىرىنى
خەلقاراغا تۇنۇتۇش ئۈچۈن ھەرخىل يۇسۇندا قۇربىنىڭ يىتىشىچە تىرىشچانلىقلارنى
كۆرسەتكەن ۋە كۆرسىتىۋاتقان قېرىنداشلارغا سەمىمى رەھمەت ئىيتىمىز. بۇلۇپمۇ
شىۋىتسىيەدىكى چوڭ –كىچىك ئۇيغۇرمۇسۇلمانلىرىنىڭ قەلىب بىرلىگىنى ئەكىس
ئەتتۇرىدىغان بىر مەركىزى ئۇرۇننى ئجارىلاپ ئېچىپ، .4 يىلدىن بىرى ئۇنىڭ
ئشىگىنىڭ ھەممە ئادمگە ئۇچۇق بۇلىشىدەك شەرت شارائىتلارنى ھازىرلاشقا ماددى ۋە
مەنىۋى كۈچلەرنى قاتقان بارلىق ئەزىمەتلەرگە جانابى ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى
تىلەيمىز.
ئۈشبۇ مەركەزدە، ناماز ئۇقۇلىدۇ،مەسلىھەت ۋە قارارلار ﺋﯧلنىدۇ، دىينى ۋەز
نەسىھەتلەر بۇلىنىدۇ، بۇ جاي ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۆز ئارا ئۇچىرىشىدىغان،
سىردىشىدىغان مەركىزى بىكىتى،ياردەمگە موھتاجلارنىڭ فاناھگاھى،
ئۆسمۈرلىرىمىزنىڭ دىندىن ساۋات ئالىدىغان ۋە ئانا تىللىرىنى ئۆگۈنىدىغان
مەكتىۋى.
بۇ، مەركەز, دە نۇرغۇن ئۆسمۈرلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ تاتلىق ئانا تىللىرىنى
ئۆگەندى،دىندىن ساۋات ﺋﯧلىپ شاھادەت كەلىمەلىرىنى ئېيتىشتى.
سۈيۈملۈك ئاكا-ئۇكا ، ۋە ھەدە- سىڭىللار !
مەركەزنىڭ تىخىمۇ گۈللىنىشى ۋە پائالىيەتلىرىنىڭ ئۆزلۈكسىز داۋاملىشىشى ئۈچۈن ،ئاللاھنىڭ
رازىلىغىنى كۆزلەپ سىلەرنىڭ ھەر بىرىڭلا ھەر ئايدا ئاز دىگەندە 100 كورونۇر
خەيرى ئىھسان قىلالايسىلەر، شۇبھىسىزكى قىلغان خەيرى ئىھسانىڭلارنىڭ ئەجرىنى
قىيامەت كۈنى ئاللاھتىن تۇلۇق ئالىسىلەر.
بىز ئۆزلىرىمىزمۇ داۋاملاشتۇرۇپ قىلىپ كىلىۋاتقان بۇ، ساۋەپلىق ئشتىن
جانابىڭلارنىمۇ ھەسسىدار قىلىشنى مەقسەد قىلىپ بۇ، چاقىرىقنامەنى ھۇزۇرۇڭلارغا
سۇندۇق، سىلەرگە بولغان ئىشەنجىمىزنى يەردە قويمىغايسىلەر
دۆلەت ئىچىدىكى ھىساپ نۇمۇرى:
PlusGirot :308153-6 SEK
خەلقئارالىق ھىساپ نۇمۇرى:
IBAN: SE25 9500 0099 6042 0308 1536
NDEASESS
Nordea Bank AB
105 71 STOCKHOLM
SWEDEN
پوشتا ئادېرسى
Post:
UIGURISKA UTBILDNINGS FÖRENINGEN
GÄRDEBYPLAN
16374 SPÅNGA
SWEDEN

تەرەققىياتىمىز ئۈچۈن بىزنى قوللاپ قۇيۇڭ