ﺷﯩﯟﯦﺘﺴﯩﻴﯩﺪﻩ 1 - ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﯩﺘﺎﻳﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺶ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﺪﻯ

 

ﺑﯜﮔﯜﻥ 10 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 1 - ﻛﯜﻧﻰ خىتتاي ھاكىميىتىنىڭ ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغانلىغىنىڭ 60 يىللىق مۇناسىۋىتى بىلەن ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﯩﺪە پائالىيەت قىلىۋاتقان ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرشى بىلەن، خىتتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. بۇ نامايىشقا شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻼﺭ، ﺗﯩﺒﻪﺗﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯜﺭﻙ، ﺋﻪﺯﻩﺭ، ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﻫﯧﺴﺪﺍﺷﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺷﯩﯟﯦﺘﺴﯩﻴﻪ ﭘﺎﻧﺎﻫﻠﯩﻖ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﺘﯩﺮﺍﻙ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﻪﻟﭽﯩﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻧﺎﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻖ ﻧﺎﻣﻴﯩﺸﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﺪﻯ

ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺶ ﺳﺘﻮﻛﻬﻮﻟﯩﻢ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﺳﺎﺋﻪﺕ 3 ﺗﻪ ﺑﺎﺷﻼﻧﺪﻯ. ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﭽﯩﻼﺭ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻏﻪﺯﻩﭖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﺋﺎﺭ ﺗﻮﯞﻟﯩﺪﻯ.

ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﻪﻟﭽﯩﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺗﯩﺮﺍﭘﯩﻐﺎ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﻼﺭﺩﯨﻜﯩﺪﯨﻦ ﭘﻪﺭﻗﻠﯩﻖ ﻫﺎﻟﺪﺍ 50 ﺗﯩﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺶ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﯩﮕﯜﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﺷﯩﭽﻪ ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﺗﺎﺳﺎﺩﯨﭙﯩﻲ ﺋﻪﻫﯟﺍﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮ ﺋﺎﻟﻐﺎن ئىكەن

نامايىشچىلارنىڭ خىتتايغا بولغان غەزەپ نەپىرتى كۈندىن كۈنىگە ئېشىپ كىتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، نامايىشچىلارنىڭ توۋلىغان نارازلىق شۇئارلار بىلەن ئۆزلىرنىڭ نارازلىغىنى بىلدۈردى

 

 

 

 

 

 

 

ھۆرمەت بىلەن: ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى تەشۋىقات بۈلۈمى